زېلېنسكىي: غەلىبىنىڭ يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمىز

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي رۇسىيەگە قارشى ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ھەممىمىز غەلىبىنىڭ يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمىز» دېدى.

1905892
زېلېنسكىي: غەلىبىنىڭ يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي تۋىتتېر ئادرېسىدا ھەمبەھىرلىگەن سىنلىق ئۇچۇرىدا، ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىنىڭ 263-كۈنىدە يېڭى ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ ئۇكرائىنادا سىياسەتچىلەرنىڭ، خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ۋەكىللىرىنىڭ ۋە ئوخشىمىغان كەسىپلەردىكى كىشىلەرنىڭ ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ، غەلىبىگە قاراپ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ھەممىمىز غەلىبىنىڭ يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ خېرسون رايونىدا كونتروللۇقنى قايتا قولغا ئالغانلىقلىرىنى، 226 ئاھالىلەر رايونىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇپ، مۇقىملىقنىڭ ساقلانغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇ يەرلەردە تەخمىنەن 100 مىڭ پۇقرانىڭ ياشايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ رۇسىيە ئەسكەرلىرىنى ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلەپ، رايوندا تېپىلغان   ئەسكەر ۋە پۇقرالارنىڭ جەسەتلىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈشلەرنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ دونېتسك ئالدىنقى سېپىدە ئۇرۇشنىڭ كەسكىن بولۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر