پۇتىن G-20 يىغىنىغا قاتناشمايدۇ

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلاىمىر پۇتىننىڭ ھىندونېزىيەنىڭ بالى شەھىرىدە ئېچىلىدىغان G-20دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىغا قاتناشمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1904691
پۇتىن G-20 يىغىنىغا قاتناشمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيە G-20 يىغىنى مەسئۇللىرىدىن لۇھۇت بىنسار پاندژايتان مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلاىمىر پۇتىننىڭ G-20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋنىڭ يىغىندا رۇسىيە ھەيئىتىگە باشچىلىق قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە باشقا دۇنيا رەھبەرلىرى 15-نويابىر ئېچىلىدىغان يىغىنغا قاتنىشىدۇ.

رۇسىيەنىڭ 24-فېۋرال (2022) ئۇكرائىناغا قارشى باشلىغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىدىن بۇيان بايدىن بىلەن پۇتىننىڭ G-20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنى ۋەسىلەسى بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈش مۇمكىنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا ئىدى. بىراق، رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ يىغىنغا قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى بىلەن، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىن ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ پۇتىن بىلەن ئارىسىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان «كۆڭۈلسىزلىك» يۈز بەرمەيدىغان بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر