بايدىن كېلەر قېتىملىق سايلامدا نامزات بولۇش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن 2024 - يىلىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا قاتنىشىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1904669
بايدىن كېلەر قېتىملىق سايلامدا نامزات بولۇش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى
joe biden.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت جو بايدىن بايدىن ئاقسارايدا 8-نويابىردىكى نەتىجىسى تېخى ئېلان قىلىنمىغان ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلام توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

سايلاملارغا «ئامېرىكا دېموكراتىيەسى ياخشى بىر كۈن» دەپ باھا بەرگەن بايدىن، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۈتۈۋاتقىنىدەك «قىزىل دولقۇن» نىڭ كەلمىگەنلىكىنى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ مۆلچەرگە يېتەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

راي سىناش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، %75 ئادەمنىڭ دۆلەتنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىن رازى ئەمەسكەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن بايدىن، پىرېزىدېنتلىقىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى يىلىدا نېمىلەرنى پەرقلىق قىلىشنى ئويلاۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا، «ھېچنېمىنى» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ 2024-يىلدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا قاتنىشىپ – قاتناشمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا بولسا، «شۇنداق بىر نىيىتىم بار» دەپ جاۋاب بېرىپ، كېلەر يىلىنىڭ (2023) بېشىغىچە ئاخىرقى قارارنى چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر