ياۋروپا كېلەر يىلى ئۇكرائىناغا ھەر ئاي 1.5 مىليارد ياۋرو ياردەم قىلىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئۇكرائىناغا 2023-يىلى ئۈچۈن 18 مىليارد ياۋرولۇق مالىيە ياردەم تەكلىپىنى سۇندى.

1904408
ياۋروپا كېلەر يىلى ئۇكرائىناغا ھەر ئاي 1.5 مىليارد ياۋرو ياردەم قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ياردەم تەكلىپىگە ئاساسلانغاندا، ئۇكرائىناغا كېلەر يىلى 02023) قىلىنىدىغان مالىيە ياردىمى پىلانلىق ھالدا ئايمۇ ئاي بېرىلىدىكەن. ياردەملەر چوڭ ئېتىبارلىق قەرزلەردىن تەشكىل تاپىدىكەن. قەرز قايتۇرۇش 2033-يىلى باشلىنىدىغان بولۇپ، 35 يىللىق بولىدىكەن ۋە ئۆسۈمىگە يارۋوپا ئىتتىپاقى ئىگە بولىدىكەن. ئۆسۈملەرنى ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى خامچوتىغا بېرىدىغان پۇللىرى بىلەن تۆلەش پىلان قىلىنماقتا ئىكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇكرائىناغا قىلىدىغان مالىيە ياردىمى ھەر ئاي 1.5 مىليارد ياۋرو بولىدۇ. بۇ ياردەم سايىسىدا، ئۇكرائىنادىكى دۆلەت خىزمەتچىلىرىگە ۋە پېنسىيونېرلارغا مائاش بېرىلىدۇ. دوختۇرخانا ۋە مەكتەپ قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلارنىڭ خىزمەتلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ. ئۇكرائىنانىڭ ماكرو ئىقتىسادىنى مۇقىم قىلىش ۋە ئۇرۇشتا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئۇل-ئەسلىھەلەرنى قايتىدىن بىنا قىلىش ئىشلىرى مۇمكىن بولىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى يەنە، بۇ ياردەم پىلانى بىلەن، ئۇكرائىنادا قانۇننىڭ ھەممىدىن ئۈستۈنلۈكى، ھۆكۈمەتنى ياخشى باشقۇرۇش، پارىخورلۇققا قارشى كۈرەش قاتارلىق ساھەلەردىمۇ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىشنى كۈتمەكتە.

مەزكۇر مالىيە ياردەم تەكلىپىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن، ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدىن تەشكىل تاپقان ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى تەستىقلىشى كېرەك.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر