ئىراندا 2 كىشى تېررورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

ئىراننىڭ سىستان-بېلۇچىستان ئۆلكىسىدە ھۆكۈمەتكە قارشى «جەيشۇل ئەدل» ئەزاسى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 2 كىشى، «تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

1904157
ئىراندا 2 كىشى تېررورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەسنىم ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سىستان-بېلۇچىستان ئۆلكىسىنىڭ زاھىدان شەھىرىدە، راشىد بېلۇچ ۋە ئىسھاق ئاسقانى ئىسىملىك ئىككى كىشى، «دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە قارشى قوراللىق ھۇجۇم ۋە تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ ئىككى كىشى 2016 – يىلى  سىستان-بېلۇچىستان ئۆلكىسىنىڭ جەبرۇق ۋە رىددىق چېگرا رايونلىرىدا 4 ئەسكەرنىڭ جېنىغا زامىن  بولغان قوراللىق ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىرى بولۇش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر