شى جىنپىڭ: ئارمىيە جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئۇرۇشقا تەييار تۇرۇشى كېرەك

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان مۇقىمسىزلىق ۋە ئېنىقسىزلىقلارغا دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئارمىيەنىڭ «جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئۇرۇشقا تەييار تۇرۇشى كېرەكلىكى» نى ئېيتتى.

1903976
شى جىنپىڭ: ئارمىيە جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئۇرۇشقا تەييار تۇرۇشى كېرەك
xi jinping.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ س س ت ۋ (CCTV) قانىلى، شى جىنپىڭنىڭ تۈنۈگۈن (8-نويابىر) خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ قوماندانلىق ئىشتابى ئورنىدىكى مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ بىرلەشمە ھەرىكەت مەركىزىنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردە مۈشكۈل ۋە ئېغىر ۋەزىپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن، «بارلىق قوراللىق كۈچلەر بىردىنبىر ۋە ئەڭ ئاساسلىق ئۆلچەم سۈپىتىدە جەڭ قىلىش ئىقتىدارىغا ئەھمىيەت بېرىشى، ھەمدە بارلىق خىزمەتلىرىنى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش ۋە غەلىبە قىلىش مەقسىتىگە يېتىش نىشانىنى بويلاپ ئېلىپ بېرىشى كېرەك» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

شى جىنپىڭ يەنە، «دۇنيانىڭ يېقىنقى بىر ئەسىرنىڭ ئەڭ تېز ئۆزگىرىشلىرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقى» غا ئىشارەت قىلىپ: «خىتاي ئارمىيەسى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدىشى، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىشى كېرەك» دېگەن.

زىيارەت جەريانىدا، ھەربىي فورما كىيىۋالغان شى جىنپىڭ قوماندانلار بىلەن كۆرۈشكەندە، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 – خاتىرە يىلى بولغان 2027- يىلغىچە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئارمىيەلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇش نىشانىنى تىلغا ئېلىپ، «بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىشىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر