خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى ھەيئىتى لىۋىيەدە ئاممىۋى مازارلارنى زىيارەت قىلدى

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ باش تەپتىشى كەرىم ئەسەد ئەھمەدخان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت لىۋىيەنىڭ تەرھۇنە شەھىرىدىكى ئاممىۋى مازارلارنى زىيارەت قىلدى.

1904015
خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى ھەيئىتى لىۋىيەدە ئاممىۋى مازارلارنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتىدا، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ باش تەپتىشى كەرىم ئەسەد ئەھمەدخان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ لىۋىيەنىڭ پايتەختى ترابلۇسنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان تەرھۇنە شەھىرىدىكى بىر ئاممىزى مازارنى زىيارەت قىلغانلىقى، بۇ مازاردىن 50 تىن ئارتۇق كىملىكى ئېنىقلاپ چىقىلالمىغان جەسەت تېپىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تەرھۇنە شەھىرى، 2020 – يىلى 5 – ئىيۇن كۈنى، لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى قوراللىق كۈچلەرنىڭ رەھبىرى خەلىفە ھەفتەرگە قاراشلىق «قانىيات» ناملىق خەلق ئەسكەرلىرى گۇرۇپپىسىدىن ئازاد قىلىنغانىدى.

شۇندىن بۇيان ئېنىقلاپ چىقىلغان ئاممىۋى مازارلاردىن ھەر كۈنى دېگۈدەك چىقىرىلغان جەسەتلەردىن، مەزكۇر خەلق ئەسكەرلىرى جاۋابكار، دەپ قارالماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر