ياۋروپادا ئىسسىق ھاۋا دولقۇنى سەۋەبىدىن ئون مىڭلارچە كىشى ئۆلدى
ياۋروپادا ياز پەسلىدە ئىسسىق ھاۋا دولقۇنى سەۋەبىدىن كەم دېگەندە 15 مىڭ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1903463
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ياۋروپا ئىشلىرى مەسئۇلى ھانس كلۇگ، ياۋروپانىڭ ياز پەسلىدىكى ئىسسىق ھاۋا دولقۇنىغا دائىر ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھەرقايسى دۆلەتلەر ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ياۋروپادا 2022 – يىلى ئىسسىق ھاۋا دولقۇنى سەۋەبىدىن كەم دېگەندە 15 مىڭ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان. جۈملىدىن، ئىسپانىيەدە تەخمىنەن 4 مىڭ كىشى، پورتۇگالىيەدە 3 مىڭ 200 كىشى، گېرمانىيەدە 4 مىڭ 500 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.»
ئۇ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانمىغان تەقدىردە، كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا ئىسسىق ھاۋا دولقۇنى ۋە قاتتىق ئىسسىقنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى.