رۇسىيە «دوستانە بولمىغان» دۆلەتلەرنىڭ شىركەتلىرىگە جازا يۈرگۈزدى
رۇسىيە «دوستانە ئەمەس» دەپ ئېنىقلىما بەرگە دۆلەتلەرنىڭ 74 شىركىتى بىلەن بولغان ھەربىي-تېخنىكا ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى توختاتتى.
1903800
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ھۆكۈمىتى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «دوستانە بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ 74 شىركىتى بىلەن بولغان ھەربىي-تېخنىكا ھەمكارلىقىغا جازا يۈرگۈزۈشنىڭ قارار قىلىنغانلىقى»نى ئۇقتۇردى.
قاراردا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، كانادا، بۇلغارىيە، لىتۋا، سىلوۋاكىيە، پولشا، چېخىيە، قاراتاغ ۋە ئېستونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىر قىسىم شىركەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىققا خاتىمە بېرىلگەن.
باياناتتا، جازا يۈرگۈزۈش قارارىنىڭ رۇسىيەگە جازا يۈرگۈزگەن دۆلەتلەرگە قارىتا ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى سۈپىتىدە چىقىرىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.