بايدىن ۋە زېلېنىسكىي نېتانياھونىڭ سايلام غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى

ئىسرائىلىيەدىكى سايلامدا غەلىبە قىلغان بېنيامىن نېتانياھۇنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن تەبرىكلىدى، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي كىيېۋغا تەكلىپ قىلدى.

1903520
بايدىن ۋە زېلېنىسكىي نېتانياھونىڭ سايلام غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئىسرائىلىيەدىكى سايلامدا غەلىبە قىلغان بېنيامىن نىتانياھونى تەبرىكلىدى؛ ئاقساراي باياناتچىسى كارىن ژان پىئېررې كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بۈگۈن پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ بېنيامىن نېتانياھۇغا تېلېفون قىلىپ، بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى تەبرىكلەپ، ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، نېتانياھۇنىڭ ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىينىڭمۇ ئىسرائىلىيەدىكى سايلامدا غەلىبە قىلغان بېنيامىن نىتانياھوغا تېلېفون قىلىپ تەبرىكلىگەنلىكىنى، نېتانياھۇنىڭمۇ زېلېنسكىيغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ رىقابىتى مەزگىلىدە ۋەدە قىلغىنىدەك، ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ئۇكرائىنا مەسىلىسى ھەققىدە ئەستايىدىل ئويلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، زېلېنسكىي نېتانياھۇغا، ئۇكرائىنا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىككى دۆلەت دۇچ كېلىۋاتقان بىخەتەرلىك خىرىسلىرىغا ماس مۇناسىۋەتلەرنى  ئورنىتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئىسرائىلىيەدە چىقىدىغان «يەدىئوت ئاخرونوت» گېزىتى بولسا، زېلېنسكىينىڭ نېتانياھۇدىن ئىسرائىلىيە قوراللىرىنى سېتىپ بېرىشىنى سورىغانلىقى ھەمدە ئۇنى كىيېۋغا تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر