ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىناغا كېلەر يىلىمۇ ئىزچىل ياردەم قىلىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئۇكرائىناغا كېلەر يىلى (2023) ھەر ئايدا 1.5 مىليارد ياۋروغا يېتىدىغان ياردەم پىلانىنى تەكلىپ قىلىدۇ.

1902765
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىناغا كېلەر يىلىمۇ ئىزچىل ياردەم قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى كېلەر يىلى ئۇكرائىناغا قىلىنىدىغان ياردەم پىلانى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، ياۋروپا كومىتېتى باشلىقى ئۇرسۇلا فوندېر لېيېن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن كۆرۈشۈپ، كېلەر يىلى ھەر ئايدا 1.5 مىليارد، جەمئىي 18 مىليارد ياۋروغا يېتىدىغان مالىيە ياردىمى پىلانىنىڭ مۇشۇ ھەپتە تەستىقلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ ياۋروپا مالىيە ياردىمى پىلانىنى باشقا ئىئانىچىلەردىن توپلىنىدىغان ياردەملەر بىلەن  قوللاش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قىش ئايلىرىدا ئۇكرائىناغا مۇھىم ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى قىلىش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئۇكرائىنانىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى دۇنياغا يەتكۈزۈشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، بۇ رامكىدا قارا دېڭىز ئاشلىق يۆتكەش كېلىشىمى مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن كېلىشىم تۈزۈش تىرىشچانلىقلىرىنى تولۇق قوللايدىغانلىقلىرىنى تەكرارلىدى.

قەيت قىلىنىشىچە، ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، موسكۋاغا يۈرگۈزۈلىدىغان ئېمبارگولارنى كۈچەيتىشتىن باشقا، ئىراننىڭ رۇسىيەنى قوللاۋاتقانلىقىغا قانداق جاۋاب قايتۇرۇش مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر