لىتۋانىيە پىرېزىدېنتى تۈركىيەنىڭ رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى رولىغا يۇقىرى باھا بەردى

لىتۋانىيە پىرېزىدېنتى گىتاناس نائۇسېدا، تۈركىيەنىڭ رۇسىيە -ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ «ھەربىي ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقى»نى ئوتتۇرىغا قويدى.

1902520
لىتۋانىيە پىرېزىدېنتى تۈركىيەنىڭ رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى رولىغا يۇقىرى باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىتۋانىيە تاراتقۇلىرى، نائۇسېدانىڭ پايتەخت ۋىلنيۇستا زىيارەتتە بولغان فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى سائۇلى نىئىنىستو بىلەن ئۆتكۈزگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تۈركىيەنىڭ رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا تۇتقان پوزىتسىيەسى توغرىسىدا توختىلىپ: «مەيلى ھەربىي مەيلى ئىنسانپەرۋەرلىك، مەيلى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى تاجاۋۇزچىلىقىنى توختىتىش جەھەتتە بولسۇن، تۈركىيەنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىدىن ھېچكىم گۇمانلانماسلىقى كېرەك» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، نائۇسا تۈركىيە ئېلىپ بارغان مۇۋەپپەقىيەتلىك دىپلوماتىك خىزمەتلەرنى تىلغا ئېلىپ، تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئاشلىقى ۋە ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىنى دۇنياغا ئېكسپورت قىلىشقا قولايلىق يارىتىپ بەرگەن بىرلەشمە قارا دېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ ھاسىل قىلىنىشىغا قوشقان تۆھپىسىگە يۇقىرى بەرگەن.

ئۇ، شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو ئەزالىقى توغرىسىدا توختىلىپ: «پەقەت ئىككى دۆلەت قالدى، مېنىڭچە، تەستىقلاش جەريانى مەڭگۈ داۋاملاشماسىلىقى كېرەك» دېگەن.

فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى نىئىنىستومۇ دۆلىتى ناتوغا ئەزا بولغاندىن كېيىن، يادرو قوراللىرىنى فىنلاندىيە زېمىنلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدۇ، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، بۇ مەسىلىنى ئەزا بولۇپ بولغاندىن كېيىن ئويلىشىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇ، تۈركىيەنىڭ شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىدىن بەكرەك ئەنسىرەيدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئەمما فىنلاندىيەنىڭ ئەزالىقىنى تەستىقلايدىغانلىقىدىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر