گوللاندىيەدە پ ك ك نىڭ قوللىغۇچىلىرى قولغا ئېلىندى
گوللاندىيەدە تۈركىيەنىڭ لاھېي ئەلچىخانىسىغا يۈرۈش قىلماقچى بولغان ۋە ئەسەبىيلەرچە ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ قوللىغۇچىلىرى قولغا ئېلىندى.
1900813
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گوللاندىيە ساقچىلىرى، تۈركىيەنىڭ لاھېي ئەلچىخانىسىغا يۈرۈش قىلماقچى بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ قوللىغۇچىلىرىغا مۇداخىلە قىلغان.
ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پىسەنت قىلماي، ئەسەبىيلەرچە ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ بەزى قوللىغۇچىلىرى، «ئاممىۋى ھالدا زوراۋانلىق قىلىش» ۋە «ساقچىلارغا زوراۋانلىق قىلىش» قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن قولغا ئېلىنغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
رۇسىيەدە بومباردىمانچى ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى
رۇسىيەنىڭ ستاۋروپول رايونىدا بومباردىمانچى ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى.