رۇسىيە ۋىكىپېدىيەگە جەرىمانە قويدى
رۇسىيەدىكى بىر سوت گوللىگىيەسى، ۋىكىپېدىيە فوندىغا ۋىكىپېدىيەدىكى يالغان ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى مىليون رۇبلى جەرىمانە قويدى.
1900570

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت موسكۋادىكى تاگانسكىي سوت مەھكىمىسى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە ئاممىۋى تاراتقۇلارنى نازارەت قىلىش ئورگىنىنىڭ ۋىكىپېدىيە فوندى ئۈستىدىن سۇنغان ئەرزىگە قاراپ چىقتى.
ۋىكىپېدىيەنىڭ رۇسىيە ئارمىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك يالغان ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرمەي، قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەت قىلغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغان سوت مەھكىمىسى، ۋىكىپېدىيە فوندىغا ئىككى مىليون رۇبلى جەرىمانە قويدى.
رۇسىيە مەھكىملىرى بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سەۋەبلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ۋىكىپېدىيەگە 5 مىليون رۇبلى جەرىمانە قويغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئەڭ چوڭ تۈرمە سالۋادوردا
ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئەڭ چوڭ تۈرمە ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلىتى سالۋادوردا ئېچىلدى.