نورۋېگىيە ھەربىي ھازىرلىق خىزمەتلىرىنى كۈچەيتتى

24 - فېۋرالدا باشلانغان رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، نورۋېگىيەنىڭ ھەربىي تەييارلىقلىرىنى كۈچەيتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1900231
نورۋېگىيە ھەربىي ھازىرلىق خىزمەتلىرىنى كۈچەيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نورۋېگىيە باش مىنىستىرى جوناس گاھر ستور رۇسىيەنىڭ نورۋېگىيەنى ياكى باشقا بىر دۆلەتنى بىۋاسىتە ئىشغال قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىش ئۈچۈن ھېچقانداق ئاساس يوقلىقىنى ئېيتتى.

شۇنداقتىمۇ نورۋېگىيەنىڭ ھەربىي تەييارلىقلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن باش مىنىستىر جوناس گاھر ستور، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشتىن ئىلگىرىمۇ دۆلىتىنىڭ ھەربىي تەييارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

گاھر ستور يېقىندىن بۇيان تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ئېشىشىشغا سەۋەب بولىدىغان بىرەر ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «ئەمما تېخىمۇ ھوشيار بولۇشىمىز كېرەك» دېدى.

نورۋېگىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بجورن ئارىلد گرام بولسا، بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلىپ، تېمىنىڭ مەخپىي ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان نورۋېگىيە رۇسىيە ئىستىخبارات پائالىيەتلىرى جەھەتتە جىددىي ھالەتكە ئۆتكەن ئىدى.

نورۋېگىيەنىڭ شىمالىي قۇتۇپتا رۇسىيە بىلەن 198 كىلومېتىرلىق چېگراسى مەۋجۇت.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر