ئەزەربەيجان، ئۇكرائىنا ۋە قازاقىستان پىرېزىدېنتلىرى تۈركىيەنىڭ جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي ۋە قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ قاتارلىق رەھبەرلەر تۈركىيەنىڭ 29-ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

1899311
ئەزەربەيجان، ئۇكرائىنا ۋە قازاقىستان پىرېزىدېنتلىرى تۈركىيەنىڭ جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ 29-ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

تەبرىك خېتىدە، دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىقنى ئاساس قىلغان ئەزەربەيجان – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۈگۈنكى دۇنيادا مىسلى يوقلۇقىنى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بىرلىك – باراۋەرلىكنىڭ رايون ۋە دۇنيانىڭ بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقىنىڭ مۇھىم ئامىلى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىلھام ئەلىيېۋ، «تارىخنىڭ ئەڭ مۇھىم پەيتلىرىدە ئەزەربەيجاننىڭ يېنىدا تۇرغان قېرىنداش دۆلەت تۈركىيەنىڭ ئىككىنچى قاراباغ ئۇرۇشىدىمۇ يېنىمىزدا تۇرغانلىقىنى، سىز ۋە خەلقىڭىزنىڭ باشتىن تارتىپ ئاداققىچە بىزگە ياردەمچى بولغانلىقىڭلارنى ھەر دائىم قەدىرلەيمىز ۋە قەتئىي ئۇنتۇپ قالمايمىز.

<بىر مىللەت، ئىككى دۆلەت> دېگەن شوئار بىلەن يولغا چىققان دۆلەتلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىمىز سايىسىدا داۋاملىق مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرەققىي قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مۇشۇنداق مۇھىم كۈندە، مەن سىلەرگە ساغلاملىق، خۇشاللىق، ھۆكۈمەت خىزمەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق، قېرىنداش تۈركىيە خەلقىگە تىنچلىق، خاتىرجەملىك ۋە باياشاتلىق تىلەيمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىيمۇ 29-ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرك تىلىدا تەبرىك تېلېگراممىسى تارقىتىپ، تۈركىيە ۋە تۈرك خەلقىگە ئامانلىق تىلىدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىنىڭ قارا دېڭىز رايونىغا تىنچلىق، بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋمۇ 29-ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەردوغانغا تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، بۇ كۈننىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر