ئىراندا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى دائېش ئۆز ئۈستىگە ئالدى

ئىراننىڭ فارس ئۆلكىسىگە قاراشلىق شىراز شەھىرىدە 15 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن  بولغان قوراللىق ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

1898329
ئىراندا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى دائېش ئۆز ئۈستىگە ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دائېشنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتى، تەشكىلاتنىڭ ئاتالمىش خەۋەر ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى.

باياناتتا، شىراز شەھىرىدىكى شاھ چېراغ مەقبەرەسىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمنىڭ دائېش ئۇنسۇرلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئىران خەۋەر ئاگېنتلىقى (IRNA)، فارس ئۆلكىسىنىڭ مەمۇرىي مەركىزى شىراز شەھىرىدە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغانىدى.

فارس ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى ئىسمائىل مۇخىبىپۇر، شاھ چېراغ مەقبەرىسىگە قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا، كەم دېگەندە 15 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 27 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر