يېڭى زېلاندىيەدە ئايال پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سانى ئەرلەرنىڭكىدىن ئېشىپ كەتتى
يېڭى زېلاندىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئايال پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سانى كۆپ سانلىققا يەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىشچىلار پارتىيەسىدىكى سورايا پېك-ماسون ئىلگىرى ئىرېلاندىيە باش ئەلچىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن ترېۋور ماللاردنىڭ پارلامېنت باشلىقلىقى ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئايال پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سانى ئەرلەرنىڭكىدىن ئېشىپ كەتتى.
پارلامېنتتىكى بۇ ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن، ئايال پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سانى 60 قا يېتىپ، ئەرلەرنىڭ سانى 59 غا چۈشتى.
پېك-ماسون مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، «بۈگۈن مەن ئۈچۈن ئالاھىدە بىر كۈن بولۇپلا قالماي، يېڭى زېلاندىيە ئۈچۈنمۇ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كۈن بولدى، دەپ قارايمەن» دېدى.
پارلامېنتلار ئارا ئىتتىپاق (PAB) نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، يېڭى زېلاندىيە بۇ يىل پارلامېنتتا كەم دېگەندە %50 ئايال پارلامېنت ئەزاسى بولغان 6 دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
بۇ نىسبەتكە ئىگە باشقا دۆلەتلەر بولسا، كۇبا، مېكسىكا، نىكاراگۇئا، رىۋاندا ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدۇر.
دۇنيا مىقياسىدا بولسا، ئومۇمىىي پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەخمىنەن %26 ى ئاياللاردىن تەشكىل تاپىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراندا ساختا ھاراق ئىچىش سەۋەبىدىن 21 كىشى ئۆلدى
ئىراننىڭ مازەندەران ئۆلكىسىدە ساختا ھاراق ئىچىش سەۋەبىدىن 21 كىشى ئۆلدى.