ئامېرىكادا بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مىسسۇرى ئىشتاتىغا قاراشلىق سانت لۇئىس شەھىرىدىكى بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئىككى كىشى قازا قىلدى.

1897216
ئامېرىكادا بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زوراۋان، ساقچىلار بىلەن بولغان توقۇنۇش جەريانىدا بىر تەرەپ قىلىندى.

شەھەرلىك ساقچى كومىسسارى مايكىل ساك، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مەركىزىي سەھنە سەنئەتلىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئەتىگەن تەرەپلەردە يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا بىر ئايال بىلەن بىر قىزنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 20 ياشلار چامىسىدىكى زوراۋاننىڭ ساقچىلار بىلەن بولغان توقۇنۇش نەتىجىسىدە بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

زوراۋاننىڭ 400 دەك ئوقۇغۇچىسى بار مەكتەپكە قانداق كىرگەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىنمىدى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەقە ئەسناسىدا سىنىپتا ئىشىكلەرنىڭ كەينىگە توساق ئورناتقانلىقى، بەزىلىرىنىڭ دېرىزىدىن سەكرەپ قاچقانلىقى خەۋەر قىلىندى.

زوراۋاننىڭ كىملىكى ئاشكارىلانمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر