بۇرۇندى دۆلىتى رىۋاندا بىلەن 2015 - يىلدىن بۇيان تاقىلىپ قالغان چېگراسىنى ئاچتى
شەرقىي ئافرىقا دۆلىتى بۇرۇندى رىۋاندا بىلەن 2015 - يىلدىن بۇيان تاقىلىپ قالغان چېگراسىنى ئاچتى.
1896678
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: بۇرۇندى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، شۇنداق قىلىپ، بۇرۇندىنىڭ بارلىق قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان چېگرالىرىنىڭ ئېچىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
شىمالدا رىۋاندا، غەربتە كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، شەرقتە تانزانىيە بىلەن قوشنا بولغان بۇرۇندىنىڭ پەقەت رىۋاندا بىلەن بولغان چېگراسىلا تاقاغلىق ئىدى.
بۇرۇندى 2015 - يىلى 13 - مايدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ ئارقىسىدا رىۋاندانىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ چېگرانى تاقىغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.