زېلېنىسكىي شىددەتلىك توقۇنۇشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي، دۆلىتىنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي رايونلىرىدا رۇسىيە ئەسكەرلىرىگە قارشى توقۇنۇشلارنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «قوراللىق قىسىملىرىمىز ئۈستۈنلۈكنى ساقلىماقتا» دېدى.

1896232
زېلېنىسكىي شىددەتلىك توقۇنۇشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي تېلېگراممادىكى ئادرېسىدا ھەمبەھرىلىگەن سىن كۆرۈنۈشلۈك ئۇچۇرىدا، دۆلىتىنىڭ 24-فېۋرالدىن باشلاپ رۇسىيەگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشىگە مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ تۈنۈگۈنمۇ ئۇكرائىناغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە ئايروپىلانلارنى ئىشقا سېلىپ  ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن زېلېنسكىي: «بۈگۈن (تۈنۈگۈن) ئۇكرائىنانىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا ھۇجۇملىرى ئاگاھلاندۇرۇشى چىقىرىلدى. ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە دۈشمەن ئايروپىلانلىرى بىتچىت قىلىندى. ئۇكرائىنانىڭ شەرقى ۋە جەنۇبىدا ئاكتىپ دۈشمەنلىكلەر داۋاملاشماقتا. قوراللىق قىسىملىرىمىز ئۈستۈنلۈكنى ساقلىماقتا» دېدى.

ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ خېرسون يۆنىلىشىدە رۇسىيە ئەسكەرلىرىگە قارشى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئۇكرائىنا رەھبىرى، بۇ رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىگە رەھمەت ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر