«بىرما ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى قايتا قوبۇل قىلىشقا قوشۇلدى»

باڭلادېش بىرمانىڭ 2017 – يىلى ئىمزالانغان كېلىشىمگە ئاساسەن ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى قايتا قوبۇل قىلىشقا قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1895876
«بىرما ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى قايتا قوبۇل قىلىشقا قوشۇلدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باڭلادېش تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاق ئابدۇلمۇئمىن، پايتەخت داككادا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بىرمانىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى قايتا قوبۇل قىلىشقا قوشۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خۇش خەۋەر شۇكى، بىرما ھۆكۈمىتى، ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى قايتا قوبۇل قىلىشقا قوشۇلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئاراكان ئۆلكىسىدە مۇئەسسەسەلەرنى تەسىس قىلماقتا.»

ئۇ، بىرمانىڭ ئاراكانلىقلاردىن قايتىش باسقۇچىدا كىملىك تەلەپ قىلىشىنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئاراكانلىقلار قاچقان چاغدا، ۋەزىيەت ئىنتايىن خەتەرلىك ئىدى. شۇڭا، ئۇلار باڭلادېشقا كەلگەندە ئۇلارنىڭ كىيىم – كېچەكلىرىدىن باشقا ھېچنەسىسى يوق ئىدى. بىرما پۇقراسى ئىكەنلىكلىرىگە دائىر ئىسپاتلارنى ئەمدى قانداقمۇ كۆرسىتەلىسۇن؟»

ئۇ يەنە، خىتاينىڭ ئاراكانلىقلارنىڭ قايتا قايتۇرۇلۇشى باسقۇچىدا تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا مۇرەسسەچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، باڭلادېش، 2017 – يىلى بىرمادىكى ھەربىي بېسىمدىن كېيىن راقھىنې ئۆلكىسىدىن قاچقان 1 مىليون 200 مىڭدىن ئارتۇق ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا ساھىبخانىلىق قىلماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر