ساخاروف مۇكاپاتى «ئۇكرائىنا خەلقى»گە بېرىلدى

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ھەر يىلى كىشىلىك ھوقۇق ۋە پىكىر ئەركىنلىكى ساھەسى بويىچە بېرىدىغان ساخاروف مۇكاپاتى بۇ يىل «ئۇكرائىنا خەلقى»گە بېرىلدى.

1895482
ساخاروف مۇكاپاتى «ئۇكرائىنا خەلقى»گە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا پارلامېنتى رەئىسى روبېرتا مېتسولا، پارلامېنتنىڭ فىرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىدە داۋاملىشىۋاتقان  ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى جەريانىدا بايانات بېرىپ، ساخاروف مۇكاپاتىنىڭ «باتۇر ئۇكرائىنا خەلقى»گە بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ساخاروف مۇكاپاتىنىڭ رۇسىيەگە قارشى «ئۇرۇش قىلىۋاتقان، قېچىشقا مەجبۇر بولغان، تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان، ئېتىقادى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان» ئۇكرائىنالىقلارغا بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن مېتسولا: «مەن باتۇر ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ ھەرگىز ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلىمەن. بىزمۇ ۋاز كەچمەيمىز» دېدى.

مېتسولا، رۇسىيەنىڭ 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا قارشى ئاچقان ئۇرۇشىنىڭ ئۇكرائىنا خەلقىگە نۇرغۇن زىيان سالغانلىقىنى، ئۇكرائىنالىقلارنىڭ ئۆيلىرى، يەرلىرى، مۇستەقىللىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى دېموكراتىيە، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ۋە ياۋروپانىڭ قىممەت قارىشى ئۈچۈنمۇ كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

رۇس فىزىكا ئالىمى ۋە سىياسىي ئۆكتىچى ئاندرېي ساخاروفنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان بۇ مۇكاپات، 1988-يىلدىن باشلاپ ھەر يىلى ياۋروپا پارلامېنتى تەرىپىدىن پىكىر ئەركىنلىكىنى قوغدىغان شەخس ياكى ئورگانلارغا بېرىلىپ كەلمەكتە.

بۇ يىللىق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى ستراسبۇرگدىكى ياۋروپا پارلامېنتى يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ساخاروف مۇكاپاتى ئۆتكەن يىلى رۇسىيە ئۆكتىچىسى ئالېكسېي ناۋالنىيغا بېرىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر