ماكرون پارىژدىكى «چوڭ جامە» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون پايتەخت پارىژدىكى «چوڭ جامە» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

1895238
ماكرون پارىژدىكى «چوڭ جامە» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماكرون، مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، «چوڭ جامە» نىڭ، فىرانسىيەدىكى 3-جۇمھۇرىيەت (1870-1940 – يىللار) جەريانىدا مۇسۇلمانلارنىڭ فىرانسىيە جەمئىيىتىدىكى ئورنى ۋە پىداكارلىقىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇ جامەنى ««تارىختىكى بوران-چاپقۇندىن تۇغۇلغان تىنچلىق جەننىتى» دەپ ئاتىدى.

فرانسىيەدە مۇسۇلمانلارغا قارشى ھەرقانداك شەكىلدىكى ئۆچمەنلىك ۋە ئىشەنچىسىزلىكنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلغان ماكرون، «بىر تەرەپتە فىرانسۇزلار، يەنە بىر تەرەپتە مۇسۇلمانلار بار، دېگەندەك بىر ئۇقۇم يوق» دېدى.

 «1922-يىلدىن 2022-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى تۇنجى قاراشلار، دەسلەپكى تاش» ناملىق كۆرگەزمىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغان ماكرون، پارىژدىكى «چوڭ جامە» نىڭ مەسئۇلى چېمس-ئېدىن ھافىزغا، فىرانسىيەنىڭ ئەڭ ئالىي دۆلەت ئوردېنى ھېسابلىنىدىغان «Legion d'Honneur» نى سوۋغا قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر