پادىشاھ سەلمان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى

سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز بارتىندا مەيدانغا كەلگەن كۆمۈر كان پارتلاش ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى.

1893847
پادىشاھ سەلمان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (SPA)  نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا يوللىغان تەزىيە تېلېگراممىسىدا، مۇنداق دېگەن: «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا، پارتلاش ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە قېرىنداش دۆلەت تۈركىيە خەلقىگە چىن دىلىمىزدىن تەزىيە بىلدۈرىمىز.»

«رەببىمىزدىن، پارتلاشتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا رەھمەت ۋە مەغپىرەت قىلىىشىنى، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا سەۋر - تاقەت ئاتا قىلىشىنى، يارىلانغانلارغا شاپالىق ئاتا قىلىشىنى، سىزلەرنى ۋە تۈركىيە خەلقىنى ھەر تۈرلۈك بالايىئاپەت ۋە مۇسىبەتلەردىن ئۆز پاناھىدا ساقلىشىنى تىلەيمىز.»

14 – ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى، بارتىن ۋىلايىتىنىڭ ئاماسرا ناھىيەسىدىكى كۆمۈر كاندا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 41 ئىشچى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر