نورۋېگىيەدە بىر رۇسىيە پۇقراسى ئۇچقۇ ئۇچۇرۇش گۇمانى بىلەن قولغا ئېلىندى

نورۋېگىيەدە 50 ياشلىق بىر رۇسىيە پۇقراسى دۆلەتتە ئۇچۇردى دەپ قارالغان ئىككى ئۇچقۇ بىلەن تاموژنىدا قولغا ئېلىندى.

1893081
نورۋېگىيەدە بىر رۇسىيە پۇقراسى ئۇچقۇ ئۇچۇرۇش گۇمانى بىلەن قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نورۋېگىيە يەرلىك تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، تاموژنا خادىملىرى نورۋېگىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ستورسكوگ (Storskog)  چېگرا ئېغىزىدىكى نورمال تەكشۈرۈشى جەريانىدا بىر رۇسىيەلىكنىڭ چامادانىدىن ئىككى دانە ئۇچقۇ ۋە بىر قانچە دانە ئېلېكترونلۇق قاچىلاش ئۈسكۈنىسى تاپقان.

11-ئۆكتەبىردە (2022) قولغا ئېلىنغان ۋە كىملىكى ئاشكارىلانمىغان مەزكۇر رۇسىيە پۇقراسىنىڭ، 24-فېۋرال باشلانغان ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارغا خىلاپلىق قىلغانلىقىدىن گۇمان قىلىنماقتا ئىكەن.

رۇسىيەگە قارشى يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولار بويىچە، رۇسىيە شىركەتلىرى ياكى پۇقرالىرى ئايروپىلانلىرىنىڭ «نورۋېگىيە زېمىنىغا قونۇشى، ئۇچۇشى ھەمدە ھاۋا تەۋەلىكىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈشى» مەنئى قىلىنىدۇ.

قولغا ئېلىنغان رۇسىيە پۇقراسىنىڭ ئادۋوكاتى يېنس بېرنخارد خېرستاد (Jens Bernhard Herstad) «Dagbladet» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئەيىبلەنگۈچىنىڭ ئۇچقۇلارنى ئۇچۇرغانلىقىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، ئەمما نورۋېگىيەدە نېمە قىلغانلىقىنى ئېيتىشنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

نورۋېگىيە ئەدلىيە مىنىستىرى ئېمىلى ئېنگېر مېخل (Emilie Enger Mehl) دۆلەتكە قارشى ئىستىخبارات تەھدىتى بارلىقىدىن بېشارەت بېرىپ: «ۋەقە ھەققىدە خۇلاسە چىقىرىش ھازىرچە بالدۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر