كامبودژادا كېمە چۆكۈپ كېتىپ 8 ئادەم قازا قىلدى

كامبودژادا بىر كېمىنىڭ چۆكۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 3 كىشى يوقاپ كەتتى.

1892791
كامبودژادا كېمە چۆكۈپ كېتىپ 8 ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي يەرشارى تېلېۋىزىيە تورى (CGTN) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر، 14 ئوقۇغۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 ئادەم ئولتۇرغان كېمىنىڭ كامبودژانىڭ كاندال ئۆلكىسىدىكى مېكوڭ دەرياسىدا چۆكۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.

ساقچى دائىرىلىرى، قازادا، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا 8 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 3 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر