بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رۇسىيەنى ئەيىبلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ بىر قىسىم مۇستەقىل رايونلىرىنى قانۇنسىز ھالدا ئىگىلىۋېلىشىنى ئەيىبلەش نىشان قىلىنغان قارارىنى 143 دۆلەت قوللاپ ئاۋاز بەردى.

1892222
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رۇسىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 193 ئەزالىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئاۋازغا قويۇش، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى  دونېتسىك، لۇخانسك، زاپوروجيا ۋە خېرسوننى ئىگىلىۋېلىش ئۈچۈن ئۆتكەن ئايدا ئۆتكۈزگەن «قانۇنسىز» رېفېراندۇملىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، 10 – ئۆكتەبىر كۈنى  ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

143 دۆلەت، رۇسىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئەيىبلەپ؛ رۇسىيە، ۋېنېزۇئېلا، شىمالىي كورېيە، بېلارۇسىيە ۋە سۈرىيە قاتارلىق 5 دۆلەت رەت قىلىپ ئاۋاز بەردى.

خىتاي ۋە ھىندىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 35 دۆلەت  ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ،  بارلىق دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى 4 رايوندا ھەرقانداق شەكىلدىكى تەشەببۇسىنى ئېتىراپ قىلماسلىققا چاقىرىق قىلىنغان قارارىدا،   موسكۋادىن «ئۇكرائىنانىڭ خەلقئارا ئېتىراپ قىلغان زېمىنىدىكى بارلىق ھەربىي كۈچلىرىنى دەرھال، پۈتۈنلەي ۋە شەرتسىز چېكىندۈرۈشى» تەلەپ قىلىندى.

قاراردا يەنە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ، 24-فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ماۋجۇت سۈركىلىش ۋە توقۇنۇشنى سىياسىي دىيالوگ، سۆھبەت، مۇرەسسەچىلىك ۋە باشقا تىنچ يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىش تەشەببۇسىنى قوللايدىغانلىقى تەكىتلەندى.

ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىمىترو كۇلېبا، ئاۋاز بېرىش تاماملانغاندىن كېيىن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ بۇ قارارىنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن 143 دۆلەتتىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر