ياپونىيەنىڭ «Epsilon-6» تىپلىق راكېتاسى ئۆز ئۆزىنى يوق قىلدى
ياپونىيە ئالەم قاتنىشى چارلاش ئىدارىسى (JAXA) غا تەۋە «Epsilon-6» تىپلىق راكېتانىڭ قويۇپ بېرىلىشى مەغلۇبىيەت بىلەن نەتىجىلەندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە ئالەم قاتنىشى چارلاش ئىدارىسى (JAXA) شۇ يەرنىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 09:50 دە ياپونىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان كاگوشىما ئۆلكىسىدىكى ئۇچىنورا ئالەم مەركىزىدىن «Epsilon-6» تىپلىق راكېتاسىنى قويۇپ بەردى.
سودا مەقسەتلىك سۇنئىي ھەمراھنىمۇ قوشقاندا جەمئىي 8 سۈنئىي ھەمراھنى ئېلىپ ماڭغان، ئۇزۇنلۇقى 26 مېتىر، ئېغىرلىقى 95 توننا كېلىدىغان راكېتا قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ھاۋادا كېتىۋېتىپ ئۆز ئۆزىنى پارتلاتتى.
ياپونىيە ئالەم قاتنىشى چارلاش ئىدارىسى (JAXA) راكېتانىڭ ئۆرلەش جەريانىدا مەسىلە چىققانلىقىنى، بىخەتەر يولىنى داۋاملاشتۇرالمايدىغانلىقى بىلىنگەندىن كېيىن ئۆز ئۆزىنى يوقۇتۇش بۇيرۇقى بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ياپونىيە مائارىپ، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ۋە پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى راكېتا پارتلىغاندىن كېيىن رايوندا ھېچقانداق زىيان كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.