مالايشىيا باش مىنىستىرى پارلامېنتنى ئەمەلدىن قالدۇردى

مالايشىيا باش مىنىستىرى ئىسمائىل سابرى ياقۇپ 15 - نۆۋەتلىك چوڭ سايلامنىڭ يولىنى ئېچىش ئۈچۈن پارلامېنتنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1890664
مالايشىيا باش مىنىستىرى پارلامېنتنى ئەمەلدىن قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر سابرى ياقۇپ پارلامېنتنىڭ دەرھال تارقىتىۋېتىلگەنلىكىنى، ئۆكتىچىلەر پارتىيەسى ۋە ئۆز پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ چاقىرىقىغا قارىماستىن، نويابىردا ئۆتكۈزۈلىشى پىلانلانغان مۇددەتتىن بۇرۇنقى سايلامنىڭ يولىنى ئېچىش ئۈچۈن پارلامېنتنىڭ دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

پارلامېنت تارقىتىلىپ 60 كۈندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان مۇددەتتىن بۇرۇنقى سايلام، پەسىللىك يامغۇر سەۋەبلىك يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقان خەلق ئاممىسى ۋە ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن ئېغىر نارازىلىققا ئۇچرىغان شۇنداقلا سايلامنىڭ كېلەر يىلىغا كېچىكتۈرۈلىشىنى تەلەپ قىلىشقان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر