زاخاروۋا زېلېنىسكىينىڭ «سۆھبەت ئۆتكۈزمەسلىك قارارى»غا «چىقماس يول» دەپ باھا بەردى

رۇسىيە، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىينىڭ «رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى» توغرىسىدىكى قارارنامەسىگە «چىقماس يول» دەپ باھا بەردى.

1889993
زاخاروۋا زېلېنىسكىينىڭ «سۆھبەت ئۆتكۈزمەسلىك قارارى»غا «چىقماس يول» دەپ باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا پايتەخت موسكۋادا ئۆتكۈزگەن ھەپتىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «بۇ زېلېنسكىينىڭ چىقماس يولى. بىز ئەزەلدىن سۆھبەتتىن ۋاز كەچمىدۇق، مەيدانىمىزنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدۇق. ئەمما، كىيېۋ ۋە غەرب پەرۋاسىزلىقىنى نامايان قىلىش ئارقىلىق بۇنىڭدىن ۋاز كەچتى. ئېنىقكى، ئۇلار جەڭ مەيدانىدا غەلىبە قىلماقچى بولدى، بىزنىڭ نىشانىمىزدىن ۋاز كېچىشىمىزنى ئۈمىد قىلدى» دېدى.

زاخاروۋا، مەزكۇر قارارنامەنىڭ غەربنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئىمزالانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رۇسىيەنىڭ، غەربنىڭ ئۇكرائىنانى قورال - ياراغ بىلەن تەمىنلىشىگە قارىماي، بىخەتەرلىككە مۇناسىۋەتلىك تەھدىتلەرگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ، ئۇكرائىنانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا تېزرەك كىرىشنى ئىلتىماس قىلغانلىقىنى، بۇ قارارنىڭ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

باياناتچى مارىيا راخاروۋا، «ھەممەيلەن بۇ ئەھۋالدا ناتونىڭ (ئەزا دۆلەتلەر ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ھەرقانداق ئەزا دۆلەتكە ياردەم بېرىدۇ، دېگەن) 5-ماددىسىنى تەتبىقلاشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. بۇنداق قىلىش ناتونى مەسىلىنىڭ تەرىپىگە ئايلاندۇرىدۇ. بۇ ئىنتايىن ئېغىر ۋە خەتەرلىك مەسىلە» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر