پۇتىن  زاپوروژيا يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى ئىگىلىۋېلىش توغرىسىدىكى قارارنامىنى ئىمزالىدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئۇكرائىنانىڭ زاپوروژيا يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى ئىگىلىۋېلىش توغرىسىدىكى قارارنامىنى ئىمزالىدى.

1889154
پۇتىن  زاپوروژيا يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى ئىگىلىۋېلىش توغرىسىدىكى قارارنامىنى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىرېمىل سارىيىنىڭ ئىنتېرنېت تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان قارارنامىدە، زاپوروژيا يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈشكە ئىجازەت بېرىلىدىغانلىقى، بۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ رۇسىيەگە تەۋە بولىدىغانلىقى ۋە بۇ ھەقتە رۇسىيە ھۆكۈمىتىگە يوليورۇق بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان  زاپوروژيا يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى، ياۋروپا بويىچە ئەڭ چوڭ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ھېسابلىنىدىكەن.

6 يادرو رېئاكتورىغا ئىگە ۋە ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى سىغىمى 5700 مېگاۋاتقا يېتىدىغان بۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى، ئۇكرائىنادىكى ئومۇمىي توكنىڭ 20 پىرسەنتىنى تەمىنلەيدىكەن.

زاپوروژيا يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى، 4 – مارت كۈنى رۇسلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر