لىۋىيە: تۈركىيە – لىۋىيە كېلىشىمىگە مۇناسىۋەتلىك قارارنامىنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق

لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى ئابدۇلھامىد دىبەيبە، بەزى دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيە بىلەن ئىمزالانغان كېلىشىم لايىھەسىگە قارشى چىقارغان قارارنامىسىنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن قىلچە ئەھمىيىتى يوقلۇقىنى ئېيتتى.

1889066
لىۋىيە: تۈركىيە – لىۋىيە كېلىشىمىگە مۇناسىۋەتلىك قارارنامىنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىبەيبە، مەركىزى ترابلۇستا پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان «‹ February› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيە بىلەن ئىمزالانغان كېلىشىمنىڭ توغرا بولۇشى ئۈچۈن ئۇدا بىر يىل بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ئىمزالىغانلىقلىرىنى، بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن، لىۋىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىنى باشلىتىشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بەزى دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيە بىلەن ئىمزالانغان كېلىشىم لايىھەسىگە قارشى چىقارغان قارارنامىسىنىڭ ماڭا نىسبەتەن قىلچە ئەھمىيىتى يوق.»

«تۈركىيە بىلەن ئىمزالانغان دېڭىز كېلىشىمىگە ئاساسەن، نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى باشلىنىدۇ، ھەق – ھوقۇقلىرىمىزدىن ئەسلا ۋاز كەچمەيمىز. ئىمزالانغان كېلىشىم لايىھەسى، رايونلۇق دېڭىز تەۋەلىكلىرىمىزدىكى مول نېفىت بايلىقلىرىمىزنى ۋە بۇ دائىرىدىكى سېلىنمىلىرىمىزنى زورايتىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر