زېلېنىسكىي ئۇكرائىنانىڭ بەزى جايلىرىنىڭ ئىگىلىۋېلىنىشىنىڭ ئىناۋەتسىزلىكى توغرىسىدا قارارنامە چىقاردى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي قارارنامە ئېلان قىلىپ، دۆلىتىنىڭ بەزى جايلىرىنىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنىشىنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

1888588
زېلېنىسكىي ئۇكرائىنانىڭ بەزى جايلىرىنىڭ ئىگىلىۋېلىنىشىنىڭ ئىناۋەتسىزلىكى توغرىسىدا قارارنامە چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر زېلېنسكىي، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ 2014- يىلىدىن بۇيان قىرىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دونېتسىكى، لۇخانسكى، خېرسون ۋە زاپورىژيا رايونلىرىنى رۇسىيەگە قوشۇۋېلىش قارارىنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكى توغرىسىدا قارارنامە ئېلان قىلدى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، پۇتىننىڭ 2014 – يىلىدىن بۇيان ئىمزالىغان قارارنامەلىرى ياكى ئۇلارنىڭ روھىغا ئاساسەن چىقىرىلغان باشقا قارار، سىياسەت ۋە كېلىشىملەرنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ھېچقانداق قانۇنىيلىقى يوقلۇقى تەكىتلەندى.

زېلېنسكىي تۈنۈگۈن ئۇكرائىنا دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى تەرىپىدىن تەييارلانغان پەرمانغا ئىمزا قويۇپ ، 24 – فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا توغرىسىدا رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن سۆھبەتلىشىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى مەزمۇن قىلغان ئۇكرائىنا دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ قارارنامەسىنى ئىمزالىغانىدى.

رۇسىيە، قىرىم (2014)، دونېتسىكى، لۇخانسكى، خېرسون ۋە زاپورىژيا قاتارلىق ئۇكرائىنا زېمىنلىرىنىڭ تەخمىنەن 15 پىرسەنتىنى ئۆز زېمىنىغا قوشۇۋالدى.

پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ​​رۇسىيە تەرەپدارى ئاتالمىش ھۆكۈمەتلەرنىڭ باشلىقلىرى 30- سېنتەبىر پايتەخت موسكۋادا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ئۇكرائىنانىڭ دونېتسىكى، لۇخانسكى، خېرسون ۋە زاپورىژيا رايونلىرىنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇشى توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر