ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ جامەسىدە پارتلاش يۈز بەردى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا تالىبان مۇۋەققەت ھۆكۈمىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ جامەسىدە پىشىن نامىزىدىن كېيىن شىددەتلىك پارتلاش يۈز بەردى.

1888864
ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ جامەسىدە پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئابدۇننافىئ تاكۇر مەتبۇئات مەنسۇپلىرىغا بايانات بېرىپ، پارتلاشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى جەزملەشتۈردى.

تاقۇر، پارتلاشتا ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ يۈز بەرگەن – بەرمىگەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېيتىش بىلەنلا كۇپايىلەندى.

تالىبان كۈچلىرى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كىرىش ئېغىزلىرىنى تاقاپ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى، مۇخبىرلارنىڭ نەق مەيدانغا بېرىپ سۈرەتكە ئېلىشىغا رۇخسەت قىلىنمىدى.

جۈمە كۈنى كابۇلنىڭ شىئە ھازارالار ياشايدىغان دەشتى بەرچى مەھەللىسىدىكى بىر مەكتەپتە پارتلاش يۈز بېرىپ 46 نەپىرى قىز ئوقۇغۇچىلار بولۇپ جەمئىي 53 كىشى قازا قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر