كرېمىل: ئارمىيەمىز چېكىنگەن رايونلارنى قايتۇرۇۋالىمىز

رۇسىيە كرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىنادىن چېكىنگەن ئولتۇراق رايونلارنىڭ قايتۇرۇۋېلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1888914
كرېمىل: ئارمىيەمىز چېكىنگەن رايونلارنى قايتۇرۇۋالىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كرېمېل باياناتچىسىدمىترىي پېسكوۋ پايتەخت موسكۋادا مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، پىرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىنانىڭ دونېتسىك، لۇخانسك، خېرسون ۋە زاپورىژيا رايونلىرىنى رۇسىيەگە قوشۇش توغرىسىدىكى قانۇنغا ئىمزا قويغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئۇ: «دۆلىتىمىز بۈگۈندىن باشلاپ قانۇنىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلدى، بۇ ئىنتايىن مۇھىم» دېدى.

ئۇ رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ مەزكۇر رايونلارنىڭ بەزى ئولتۇراق رايونلىرىدىن چېكىنىشى ئۈستىدە توختىلىپ: «بۇ يەردە زىتلىق يوق، بۇ يەرلەر مەڭگۈ رۇسىيەنىڭ بولىدۇ، بەزى جايلار قايتۇرۇۋېلىنىدۇ» دېدى.

رۇسىيە گازىنى ياۋروپاغا يەتكۈزىدىغان «1-شىمالىي ئېقىم» ۋە «2-شىمالىي ئېقىم» تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنيەلىرىدە يۈز بەرگەن پارتلاشلار ھەققىدە توختالغاندا، رۇسىيەنىڭ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرگە قاتناشتۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە، ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىناغا بەرگەن «خىمارس» (HIMARS) ناملىق راكېتا ئاتارلار بىلەن قىرىمغا زەربە بەرگىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ: «بۇ خىل بايانلار ئامېرىكانىڭ بۇ مەسىلىگە قاتناشقانلىقىنى ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە ئىسپاتلايدۇ. بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېدى.

ئۇ «كرېمىلنىڭ ئاشپىزى» دەپ بىلىنىدىغان رۇسىيەلىك سودىگەر يېۋگېنىي پرىگوژىننىڭ رۇسىيە بىخەتەرلىك شىركىتى ۋاگنەرنى 2014-يىلى 1-ماي دونباستىكى توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن قۇرغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ: «يېۋگېنىي پرىگوژىن رۇسىيە پۇقراسى ۋە سودا-كارخانىچى.  ئۇ دۆلىتىمىزدىكى باشقا سودا-كارخانىچىلارغا ئوخشاش چوڭ تۆھپىلەرنى قوشۇۋاتىدۇ» دېدى.

ئەمما، ۋاگنەرنىڭ سالاھىيىتى توغرىسىدا سوئالنى جاۋابسىز قالدۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر