كىيېۋدە رادىياتسىيەگە قارشى يود تارقىتىلدى

ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋ ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق رايونلىرىدىكى تارقاقلاشتۇرۇش مەركەزلىرىگە، رادىياتسىيە تەھدىتىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن يود تابلېتكىسى تارقىتىلدى.

1888823
كىيېۋدە رادىياتسىيەگە قارشى يود تارقىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىيېۋ شەھەرلىك ھۆكۈمىتى تارقاقلاشتۇرۇش مەركەزلىرىگە رادىياتسىيەدىن ساقلىنىش ئۈچۈن يود تابلېتكىسى تارقىتىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، رادىياتسىيە تەھدىتى كۆرۈلگەن ئەھۋالدا ئىشلىتىش ئۈچۈن پايتەخت كىيېۋ ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق رايونلاردىكى تارقاقلاشتۇرۇش مەركەزلىرىگە يود تابلېتكىسى تارقىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ رادىياتسىيە تەھدىتىگە قارشى يېتەرلىك مىقداردا يود تارقىتىلغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر