بايدىن: رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا زېمىنلىرىنى قوشۇۋېلىشىنى قوللىغانلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە تەييارمىز

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئۇكرائىناغا قىلىنىدىغان 625 مىليون دوللار قىممىتىدىكى يېڭى ھەربىي ياردەم پىلانىنى ئېلان قىلدى.

1888488
بايدىن: رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا زېمىنلىرىنى قوشۇۋېلىشىنى قوللىغانلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە تەييارمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ ئۇكرائىناغا قىلىنىدىغان يېڭى ياردەم پىلانىنى ئېلان قىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، پىرېزىدېنت جو بايدىن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن تېفوندا كۆرۈشكەندە، ئامېرىكانىڭ ھەر قانداق ۋاقىتتا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ زېمىنلىرىنى ئىشغال قىلىپ ئۆزىگە قوشۇۋېلىشىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇكرائىناغا داۋاملىق ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ دائىرىدە 625 مىليون دوللار قىممىتىدىكى يېڭى ھەربىي ياردەم پىلانىنى ئۇقتۇرغان.

ئۇ بۇ قېتىمقى ياردەم پىلانىدا، «خىمارس» (HIMARS) راكېتا ئاتارلار، زەمبىرەك سىستېمىلىرى ۋە ئوق-دورىلارنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ زېمىنلىرىنى قوشۇۋېلىشىنى قوللىغانلارغا ئېغىر ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئۇكرائىنا ئاشلىقىنىڭ خەلقئارا بازارلارغا سېلىنىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان ۋە ئىستانبۇلدا ئىمزالانغان ئاشلىق يۆتكەش كېلىشىمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكلىرىنى، ئۇكرائىنانىڭ ئەركىنلىكى ۋە دېموكراتىيەسى ئۈچۈن خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلارنى ھەر دائىم قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر