ياپونىيە رۇسىيەدىن ئۆچ ئالدى

ياپونىيە ھۆكۈمىتى شىمالىي خوككايدو ئۆلكىسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر رۇسى دىپلوماتنى «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى» دەپ ئېلان قىلدى.

1888298
ياپونىيە رۇسىيەدىن ئۆچ ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە فېدېراتسىيەسى بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ، ياپونىيەنىڭ رۇسىيەنىڭ ۋىلادىۋوستوك شەھىرىدىكى كونسۇلخانىسىدا  ئىشلەيدىغان بىر دىپلوماتىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىشىنىڭ غۇلغۇلىسى داۋام قىلماقتا؛ ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتى، رۇسىيەنىڭ ياپونىيەنىڭ شىمالىي خوككايدو ئۆلكىسى ساپپورو شەھىرىدىكى كونسۇلخانىسىدا ئىشلەيدىغان بىر دىپلوماتىنىڭ «قارشى ئېلىنمايدىغان ئادەم» دەپ ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ھاياشى يوشىماسا، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان رۇسىيە دىپلوماتىنىڭ 10-ئۆكتەبىرگىچە ياپونىيەدىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى.

ھاياشىنىڭ ئېيتىشىچە، مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار ۋەزىرى مورى تاكېئو رۇسىيەنىڭ توكيودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مىخايىل گالۇزىننى مىنىستىرلىققا چاقىرتىپ، مەزكۇر دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش قارارىنى يەتكۈزگەن.

رۇسىيە فېدېراتسىيەسى بىخەتەرلىك ئىدارىسى ياپونىيەنىڭ رۇسىيەنىڭ ۋىلادىۋوستوك شەھىرىدىكى كونسۇلخانىسىدا ئىشلەيدىغان دىپلومات موتوكى تاتسۇنورىنى «جاسۇسلۇق جىنايىتى سادىر قىلىش» بىلەن ئەيىبلەپ نازارەت ئاستىغا ئالغانىدى.

ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتى ھاياشى موتوكى تاتسۇنورىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن، موتوكىنىڭ «كۆزىنىڭ تېڭىلىپ، جىسمانىي جەھەتتىن زورلۇققا ئۇچرىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

ياپون دىپلوماتنىڭ «ھېچقانداق قانۇنسىز ھەرىكەتكە ئارىلاشمىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن ھاياشى، رۇسىيەنىڭ مەيدانىغا «ۋىيېننا ئەھدىنامىسىگە ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش» دەپ باھا بەرگەنىدى.

رۇسىيە فېدېراتسىيەسى بىخەتەرلىك ئىدارىسى  بايانات ئېلان قىلىپ، موتوكىنىڭ «رۇسىيەنىڭ بىر ئاسىيا-تىنچ ئوكيان دۆلىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقى ۋە غەربنىڭ جازا سىياسىتىنىڭ پىرىمورسكىي رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدىكى چەكلىك ئۇچۇرلارنى پۇل بېرىپ سېتىۋېلىۋاتقان ئەسنادا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى» نى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر