ئېكۋادوردا تۈرمىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 15 ئادەم قازا قىلدى

ئېكۋادورنىڭ لاتاكۇنگا تۈرمىسىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 15 ئادەم قازا قىلدى، 20 ئادەم يارىلاندى.

1888114
ئېكۋادوردا تۈرمىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 15 ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پايتەخت كىتودىكى لاتاكۇنگا تۈرمىسىدە مەھبۇسلار قورال - ياراغ ۋە پىچاق بىلەن بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلغان.

دۆلەتلىك تۈرمە باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توقۇنۇشتا 15 ئادەم قازا قىلغان، 20 ئادەم يارىلانغان.

توقۇنۇشتىن كېيىن، بىر قىسىم مەھبۇسلار تۈرمىدىن قېچىۋاتقاندا بىخەتەرلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان.

ئۆتكەن يىلى بۇ دۆلەتتىكى تۈرمىلەردە 316 ئادەم، بۇ يىل بولسا 90 ئادەم قازا قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، تۈرمىلەردىكى زوراۋانلىقنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى، كەڭ دائىرىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ بولماسلىقى، شەرت -  شارائىتلارنىڭ ناچارلىقى ۋە دائىرىلەرنىڭ پەرۋاسىزلىقى ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر