سومالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 36 گە يەتتى

سومالىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 36 گە يەتتى.

1888342
سومالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 36 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالىنىڭ پايتەختى موگادىشۇنىڭ شىمالىدىكى بەلەدۋەينە شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئۈچ ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا، ھۆكۈمەت خادىملىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 36 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 73 كىشى يارىلاندى.

ھىران ۋالىيسى ئەلى جېيستې، ئادەم بومبا ھۇجۇملىرىدىن قورقمايدىغانلىقلىرىنى ۋە رايوندىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بالىلار ۋە ئاياللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 24 ئېغىر يارىدار، ھاۋا يوللىرى ئارقىلىق موگادىشۇغا ئېلىپ بېرىلدى.

جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەباب ئۆز ئۈستىگە ئالغان ھۇجۇملارنىڭ، سومالى ئارمىيەسى بىلەن ئامېرىكا كۈچلىرىنىڭ ھىران رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن يۈز بېرىشى دىققەت قوزغىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر