ئىراندىكى نامايىشلار 16-كۈنىنى ئارقىدا قالدۇردى

ئىراندا ماھسا ئەمىنىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن پارتلىغان نامايىشلار 16-كۈنى بولغان تۈنۈگۈنمۇ (2022-يىلى 2-ئۆكتەبىر، يەكشەنبە) داۋاملاشتى.

1887589
ئىراندىكى نامايىشلار 16-كۈنىنى ئارقىدا قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراندا ماھسا ئەمىنىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن پارتلىغان نامايىشلار تۈنۈگۈنمۇ داۋاملاشتى.

ئۇنىۋېرستېتلارنىڭ ئوقۇش باشلىشى بىلەن شەنبە كۈنى (1-ئۆكتەبىر) تېخىمۇ ئۇلغايغان نامايىشلار، تۈنۈگۈنمۇ پايتەخت تېھران قاتارلىق نۇرغۇن چوڭ شەھەرلەردە داۋاملاشتى.

تېھراننىڭ شەرىئاتى كوچىسىدا توپلانغان نامايىشچى ئامما، ھۆكۈمەتكە قارشى شوئار توۋلاپ، خېلى ئۇزۇنغىچە قاتناشنى توختاتتى. خەۋپسىزلىك قىسىملىرى كۈندۈز ۋاقىتلىرىدا ئۇنىۋېرستېتلاردا باشلانغان نامايىشلارنى تىنجىتىشقا ئۇرۇندى، بەزى ئۇنىۋېرستېتلاردا سۈركىلىشلەر كېلىپ چىقتى.

كىرمانشاھ، تېھران، مەشھەد، تەبرىز، مازەندەران، كۈردىستان، ئىسپاھان، سەنەندەج، شىراز شەھەرلىرى ۋە نۇرغۇن ئۇنىۋېرستېتلاردا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلار، ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىشىغا سەۋەب بولدى. تېھراندىكى شەرىف ئۇنىۋېرستېتىدا نامايىشچىلار بىلەن خەۋپسىزلىك قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. ئۇنىۋېرستېتتا نۇرغۇن نامايىشچىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە يارىدارلارنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

نۇرغۇن پۇقرالار كەچ ۋاقىتتا ئۆيلىرىنىڭ دېرىزىلىرىدىن شوئار توۋلاپ، نامايىشلارنى قوللىدى.

نامايىشلار داۋاملىشىۋاتقان پەيتتە، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ سوتنىڭ يوليورۇقى بويىچە نامايىشلارغا قاتناشقان ۋە «جەمئىيەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ پەيدا قىلغان» نامايىشچىلارنى تۇتۇش دولقۇنىنى قوزغىغانلىقى قەيت قىلىندى.

بۇ رامكىدا، ئوقۇغۇچىلار، داڭلىق شەخسلەر ۋە مۇخبىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

پايتەخت تېھراندا 13-سېنتەبىر (2022) «ئەخلاق ساقچىلىرى» دەپ ئاتالغان ئىرشاد چارلىغۇچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، ئەھۋالىنىڭ يامانلىشىشى سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان 22 ياشلىق ماھسا ئەمىنىنىنىڭ 16-سېنتەبىردە جېنىدىن ئايرىلىشى، نارازىلىقلارغا سەۋەب بولغان ئىدى. ئەمىنىنىڭ 17-سېنتەبىر يۇرتى ساككىز شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دەپنە مۇراسىمى جەريانىدا باشلانغان نامايىشلار، نۇرغۇن شەھەرگە كېڭەيگەن ئىدى.

ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسى نامايىشلار جەريانىدا، خەۋپسىزلىك خادىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 41 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر