سومالىدا ئەششەباب كاتتىباشلىرىدىن نادىر ئۆلتۈرۈلدى

سومالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەباب كاتتىباشلىرىدىن ئابدۇللاھى نادىر ئۆلتۈرۈلدى.

1887636
سومالىدا ئەششەباب كاتتىباشلىرىدىن نادىر ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالى دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقى (سوننا) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۇببا رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن 1 – ئۆكتەبىر كۈنى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەبابغا قارشى زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان.

بۇ جەرياندا، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەبابنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن «ئۇبەيدە» دەپ بىلىنىدىغان ئابدۇللاھى نادىر ئۆلتۈرۈلگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇزۇندىن بۇيان «تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەن نادىرغا قارىتا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش پىلانلانماقتا ئىكەن.

نادىر ھەققىدە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن 3 مىليون دوللارلىق مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

ئىگىلىنىشىچە، سومالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەباب، دائىم دېگۈدەك دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ۋە پۇقرالارنى نىشان قىلىپ، تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بارىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر