زېلېنىسكىي: دونېتسىكىنىڭ لىمان شەھىرىدە ئۇكرائىنا بايرىقىنى لەپىلدەتتۇق

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي دونېتسىكى رايونىنىڭ لىمان شەھىرىدە ئۇكرائىنا بايرىقىنىڭ لەپىلدەشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1887256
زېلېنىسكىي: دونېتسىكىنىڭ لىمان شەھىرىدە ئۇكرائىنا بايرىقىنى لەپىلدەتتۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت زېلېنسكىي ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا سىن كۆرۈنۈشلۈك بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ئىلگىرىلىشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان دونېتىسكىنىڭ لىمان شەھىرى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

زېلېنسكىي ئۇكرائىنا ئارمىيەسى قايتۇرۇپ ئالغان ئولتۇراق رايونلىرىغا ئىشارەت قىلىپ: «بۇ ھەپتە دونباستا خېلى كۆپ ئۇكرائىنا بايرىقى بولدى. بىر ھەپتە ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. ئۇنداقتا ئاتالمىش رېفېراندۇم (ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى) دېگەن نېمە؟ ئىككى دونېتىسكى رايونى بارمۇ؟ ئۇكرائىنا ھەرىكىتى داۋاملىشىدۇ» دېدى.

ئۇ، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ لىمان شەھىرىگە كىرىشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇكرائىنا بايرىقى دونېتسىك رايونىنىڭ لىمان شەھىرىدە. ئۇ يەردىكى توقۇنۇشلار داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئەمما ئۇ يەردە ئاتالمىش رېفېراندۇمنىڭ ئىز-دېرىكى يوق. ئۇكرائىنا بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتىپ كېلىدۇ. شەرقتە، جەنۇبتا ۋە ھازىر ئۆزىگە قوشۇۋالماقچى بولۇۋاتقان جايلاردا، 2014 – يىلىدىن بۇيان ئىگىلىۋېلىنغان قىرىمدا... بايرىقىمىز ھەممە يەردە لەپىلدەيدۇ» دېدى.

ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن بايانات بېرىپ، ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنىڭ لىمان شەھىرىگە كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بولسا، «ئىتتىپاقداش كۈچلەر قورشاۋ تەھدىتى نەزەردە تۇتۇپ كراسنىي لىمان ئولتۇراق رايونىدىن تېخىمۇ ئەۋزەل ئورۇنغا چېكىنىپ چىقتى» دەپ بايانات بەرگەنىدى.

رۇسىيە ئارمىيەسى 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىپ، ئىشغال ھەرىكىتى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر