ئوق - دورا بېسىلغان ئايروپىلان قىرىم ئايرودرۇمىغا قونۇش ئەسناسىدا پارتلىدى

رۇسىيە تەرىپىدىن قانۇنسىز ھالدا ئىگىلىۋېلىنغان قىرىمنىڭ سىۋاستاپول شەھىرىگە يېقىن جايدىكى بىر ئايرودۇرۇمغا قونۇۋاتقان ئايروپىلاندىكى ئوق – دورا پارتلىدى.

1887318
ئوق - دورا بېسىلغان ئايروپىلان قىرىم ئايرودرۇمىغا قونۇش ئەسناسىدا پارتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرىمنىڭ ئاتالمىش سىۋاستاپول ۋالىيسى مىخائىل رازۋوژايېۋ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئادرېسىدا بايانات بېرىپ، «ئايروپىلان بېلبېك ھەربىي ئايرودۇرۇمىغا قونۇش ئەسناسىدا قونۇش يولىدىن چىقىپ كەتتى. ئوق – دورىنىڭ بىر قىسمى پارتلىدى» دېدى.

ئايروپىلانغا ئوت كەتكەنلىكىنى، ئۇچقۇچىنىڭ سالامەت قۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن رازۋوژايېۋ، نەق مەيدانغا ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇكرائىناغا قاراشلىق بىر يېرىم ئارالغا جايلاشقان قىرىم، 2014 – يىلى 18 – مارتتا رۇسىيە تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر