ئىران ئىراقتىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ مەركەزلىرىنى توپقا تۇتتى

ئىران ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تېھران ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۆكتىچى تەشكىلاتلارنىڭ باش شتابلىرىنى زەمبىرەكلەرنى ئىشلىتىپ بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1887288
ئىران ئىراقتىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ مەركەزلىرىنى توپقا تۇتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېرىم رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى — تەسنىم، ئىران ئىنقىلاب  مۇھاپىزەتچىلىرى قارمىقىدىكى زەمبىرەك قىسىملىرىنىڭ ئىراق كۇرد رايونلۇق ھۆكۈمىتى كونتروللۇقىدىكى رايونلاردىكى ئىرانغا قارشى قوراللىق ئۆكتىچىلەرنىڭ مەركەزلىرىگە راكېتا ۋە زەمبىرەكلەرنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئىراننىڭ مەزكۇر ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارنى «بۆلگۈنچى تېرورلۇق گۇرۇپپىلىرى» دەپ قارايدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىران 28 –سېنتەبىردىمۇ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كومەلە، IKDP ۋە PAK قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ مەركەزلىرىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلغانىدى.

ئىران تەرىپىدىن «تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ قارىلىدىغان كومەلە، İKDP ۋە PAK قاتارلىق تەشكىلاتلار ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى كونتروللۇقىدىكى جايلارغا قۇرۇلغان لاگېرلاردا پاناھلىنىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر