لاپىد تۈركىيە - ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا توختالدى

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى يائىر لاپىد دۆلىتىنىڭ ئەنقەرەگە باش ئەلچى تەيىنلىشىنىڭ «تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشتىكى مۇھىم بىر قەدەم ئىكەنلىكى»نى ئوتتۇرىغا قويدى.

1887327
لاپىد تۈركىيە - ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى يائىر لاپىد ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەپتىلىك كابىنېت يىغىنىدىكى سۆزىدە، تۈركىيە  - ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئىد لىلىياننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم ۋەزىپىلەرنىڭ بۈگۈن ھۆكۈمەتكە سۇنۇلىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «بۇ بىزنىڭ يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان ئىشلەۋاتقان تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشتىكى مۇھىم بىر قەدەم. ئۆتكەن جۇمھۇر رەئىس (رەجەپ تاييىپ) ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيورك شەھىرىدە كۆرۈشتۈم. مۇناسىۋەتلىك خادىملىرىمىزغا ئىقتىسادىي، دىپلوماتىك ۋە ساياھەت مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا يوليورۇق بەردۇق» دېدى.

تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيە 17-ئاۋغۇست دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشنى قارار قىلغانلىقىنى ۋە ئۆزئارا باش ئەلچى تەيىنلەيدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر