ھىندونېزىيەدە يۈز بەرگەن قىستاڭچىلىقتا قازا قىلغانلار سانى 174 كە يەتتى

ھىندونېزىيەدە بىر پۇتبول مۇسابىقىسىدىن كېيىن قىستاڭچىلىق يۈز بېرىپ، 174 ئادەم قازا قىلدى.

1887292
ھىندونېزىيەدە يۈز بەرگەن قىستاڭچىلىقتا قازا قىلغانلار سانى 174 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەرقىي جاۋا ئۆلكىسىنىڭ مالاڭ شەھىرىدىكى كانجۇرۇخان تەنتەربىيە مەيدانىدا پېرسېبايا سۇرابايا كوماندىسىنىڭ ئارېما مالاڭ كوماندىسىنى 2 گە قارشى 3 نومۇر بىلەن يېڭىۋېلىشىدىن كېيىن، ئىككى كوماندىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى؛ ساقچىلارنىڭ جېدەلنى ئايرىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن ياش ئاققۇزۇش گازىدىن ئۆزىنى قاچۇرماقچى بولغان نەچچە يۈز كىشى بىردىنلا تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ دەرۋازىسى تەرەپكە بۇرۇلۇپ، ئېغىر قىستاڭچىلىق پەيدا قىلدى. ۋەقەدە بۇغۇلۇپ قالغانلار، دەسسىلىپ كەتكەنلەر بولۇپ نەچچە ئون ئادەم قازا قىلدى.

شەرقىي جاۋا ساقچى ئىدارىسى باشلىقى نىكو ئافىنتا بايانات ئېلان قىلىپ، كەچقۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدىن كېيىن، ئىككى كوماندىنىڭ تەرەپدارلىرى ئوتتۇرىسىدا چىققان جېدەلنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن ساقچىلارنىڭ ياش ئاققۇزۇش گازى ئىشلەتكەنلىكىنى، ياش ئاققۇزۇش گازىنىڭ تەرەپدارلار ئارىسىدا ۋەھىمە پەيدا قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئافىنتا، ۋەقەدە يارىلانغان 300 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ رايوندىكى دوختۇرخانىلارغا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، ئەمما نۇرغۇنلىرىنىڭ يولدا ۋە بالىنىستقا ئېلىنغان دوختۇرخانىلاردا قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

شەرقىي جاۋا مۇئاۋىن ۋالىيسى ئېمىل دارداك بايانات بېرىپ، قىستاڭچىلىقتا ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 174 كە يەتكەنلىكىنى، 11 نەپىرىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ 100 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ رايوندىكى سەككىز دوختۇرخانىدا داۋالىنۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىرېزىدېنت جوكو ۋىدودو ھىندونېزىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە بىخەتەرلىك تەرتىپى ياخشىلانمىغۇچە 1-بىرلەشمىنى ۋاقتىنچە توختىتىپ قويۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر