زېلېنىسكىي ئۇكرائىنانىڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي ئۇكرائىنانىڭ غەلىبەنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1887132
زېلېنىسكىي ئۇكرائىنانىڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىكى ئارېسىدا سىن كۆرۈنۈشلۈك ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا توختالدى.

زېلېنسكىي ئۇكرائىنا قىسىملىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ: «بىز چوقۇم بارلىق زېمىنىمىزنى ئازاد قىلىشىمىز كېرەك، بۇ بىر رۇسىيەدەك تەكەببۇر دۆلەتنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە ئىنسانىي قىممەت قاراشلارنى دەپسەندە قىلالمايدىغانلىقىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسپاتى بولىدۇ» دېدى.

ئۇ، رۇسىيەنىڭ تۆت رايوننى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشىدىن كېيىن دۆلەت بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە كېڭىشىنىڭ جىددىي يىغىن چاقىرغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «بۈگۈن ئۇكرائىنا ئۆزىنى قوغداشنى قارار قىلدى، بۇ قارارلارنىڭ ھەممىسى ئىجرا قىلىنىدۇ، بىز غەلىبىمىزنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز» دېدى.

بۇ جەريانىدا، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان رۇسىيە كۈچلىرىنىڭ قولىدا تۇرۇۋاتقان دونېتسىكى رايونىنىڭ پورت شەھىرىگە قاراپ ئىلگىرىلىشىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ شەرقىي قانىتى ۋەكىلى سېرگېي چېرېۋاتىي، پورت شەھىرىدىكى رۇس ئەسكەرلىرىنى قورشاۋغا ئېلىش تىرىشچانلىقىنىڭ تاماملىنىش باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

گەرچە رەسمىي مەنبەلەر تېخى بايانات ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما يەرلىك مەتبۇئاتلاردا شەھەردىكى رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ئۇكرائىنا تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

رۇسىيە ئارمىيەسى 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىپ، ئىشغال ھەرىكىتى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر