سۇماترادا 5.9 بال يەر تەۋرىدى

ھىندونېزىيەنىڭ شىمالىي سۇماترا ئۆلكىسىدە 5.9 بال يەر تەۋرىدى.

1887070
سۇماترادا 5.9 بال يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى مەركىزى، يەر تەۋرەشنىڭ سىبولگا شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا 40 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا يەرنىڭ 13.2 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقىدا يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ھىندونېزىيە مېتېئورولوگىيە، كىلىماتولوگىيە ۋە گېئوفىزىكا ئىدارىسى، يەر تەۋرەشتە بىر كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، توققۇز كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەر تەۋرەشتىن كېيىن دېڭىز دولقۇنى ئاگاھلاندۇرۇشى بېرىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر